سەگەك تۇرۇڭلار!
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئىككىنچى يىلغا قەدەم قويدى — مۇقەددەس كىتابتا قانداق ئۈمىد يېزىلغان؟
2023-يىلى، 24-فېۋرال پاجىئەلىك ئۇرۇشنىڭ ئۇكرائىنادا باشلانغانلىقىغا بىر يىل بولىدۇ. بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا ۋە روسىيە تەرەپتىن ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياكى يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 300000چە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۆلگەن ئاددىي پۇقرالارنىڭ سانى تەخمىنەن 30000چە دەپ قارالماقتا. بىراق، ئەمەلىي سان تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.
ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئۇرۇش ھېچبىر ئاخىرلىشىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ.
«روسىيە قوشۇنلىرى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، بۇ ئۇرۇشنىڭ توختايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بىر ئالامەت يوق. قارىماققا، ئىككى تەرەپنىڭ ھېچبىرى بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ياكى ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىدىغاندەك ئەمەس».—NPR (دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو)، 2023-يىل، 19-فېۋرال.
مۇشۇ ۋە باشقىمۇ ئۇرۇشلار سەۋەبلىك، دۇنيا ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جاپا-مۇشەققەت تارتىپ ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ. مۇقەددەس كىتاب قانداق ئۈمىد بېرىدۇ؟ ئۇرۇش ئاخىرلىشىدىغان كۈن كېلەمدۇ؟
بارلىق ئۇرۇشلارنى توختىتىدىغان ئۇرۇش
مۇقەددەس كىتابتا، ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر ئۇرۇش بولىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان. بۇ ئۇرۇش ئارماگېدون دەپ ئاتالغان بولۇپ، «ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدە بولىدىغان ئۇرۇش» (ۋەھىيلەر 16:14، 16). خۇدا بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق پاجىئەلىك ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدۇ. ئارماگېدون ئۇرۇشى ئىنسانىيەتنى مەڭگۈلۈك تىنچ-خاتىرجەملىككە قانداق ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىلىش ئۈچۈن مۇنۇ ماقالىلەرنى ئوقۇڭ:
«ئارماگېدون ئۇرۇشى دېگەن نېمە؟»