مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

يە‌ر شارى ۋە‌يران قىلىنماقتا —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

يە‌ر شارى ۋە‌يران قىلىنماقتا —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 ‏«ئىنسانىيە‌ت پات ئارىدا كىلىمات ئۆزگۈرۈشىنى كە‌لتۈرۈپ چىقىرىپ،‏ بالايىئاپە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى قىلماقتا.‏ چوڭ شە‌ھە‌رلە‌رنى سۇ بېسىپ كېتىش،‏ مىسلى كۆرۈلمىگە‌ن دە‌رىجىدە ھاۋا ئىسسىپ كېتىش،‏ دە‌ھشە‌تلىك بوران-‏چاپقۇ‌نلار،‏ ئىچىملىك سۇ يېتىشمە‌سلىك،‏ مىليونلىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تۈرلىرىنى يوقۇ‌لىشى،‏ بۇ‌لار توقۇ‌لما گە‌پ ياكى مۇ‌بالىغە ئە‌مە‌س.‏ ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئېنىرگىيە ئىشلىتىش سىياسە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتمىسە،‏ مۇ‌شۇ تىلغا ئالغان ئاپە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يۈز بېرىدۇ».‏ (‏بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىئو گۇ‌تتېرىسنىڭ 2022-‏يىلى،‏ 4-‏ئاپرېلدا خە‌لقئارا كىلىمات ئۆزگۈرۈشى يىغىنىدا ئېيتقان سۆزى)‏.‏

 ‏«ئالىملار كە‌لگۈسى بىر نە‌چچە يىلدا كىلىمات ئۆزگۈرۈشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ [ئامېرىكىدىكى] 423 دۆلە‌ت باغچىسىنىڭ ھە‌ممىسىگە دېگىدە‌ك ۋە‌يرانچىلىققا ئۇ‌چرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ ئوت ۋە كە‌لكۈن،‏ مۇ‌زلۇ‌قلارنىڭ ئېرىشى،‏ دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چىدىغۇ‌سىز ئىسسىق ھاۋا-‏رايى قاتارلىق ئاپە‌تلە‌ر يۈز بېرىدۇ،‏ بۇ خۇ‌ددى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپلە‌رگە ئوخشايدۇ»‏ (‏نيۇ-‏يورك ۋاقتى گېزىتى،‏ 2022-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ن)‏.‏

 يە‌ر شارىنىڭ كىلىمات مە‌سىلىسىنى ھە‌ل قىلىش مۇ‌مكىنمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ‌نى كىم ھە‌ل قىلالايدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

مۇ‌ھىتقا بۇ‌زغۇ‌نچىلىق قىلىنىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دا ‏«يە‌رنى ۋە‌يران قىلغۇ‌چىلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بە‌لگۈلىگە‌ن ۋاقىت كە‌لدى»‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏18‏)‏.‏ بۇ ئايە‌ت بىزنى ئۈچ نە‌رسىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ:‏

  1.  1.‏ ئىنسانلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى يە‌ر شارىغا ئېغىر بۇ‌زغۇ‌نچىلىق كە‌لتۈرىدۇ.‏

  2.  2.‏ يە‌رنىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى ئاخىرلىشىدۇ‏.‏

  3.  3.‏ يە‌ر شارىنىڭ مۇ‌ھىت مە‌سىلىسىنى ئىنسانلار ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزى ھە‌ل قىلىدۇ.‏

كە‌لگۈسىدە يە‌ر شارى بىخە‌تە‌ر بولىدۇ

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ر-‏زېمىن «مە‌ڭگۈ قالىدۇ» دە‌پ يېزىلغان (‏ۋە‌ز 1:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدا ھە‌ردائىم ئادە‌ملە‌ر ياشايدۇ.‏

  •    «ھە‌ققانىيلار يە‌رگە ۋارىس بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدا ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د ياشايدۇ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏.‏

 يە‌ر شارى پۈتۈنلە‌ي ئە‌سلى ھالىتىگە قايتىدۇ.‏

  •    «جاڭگال ۋە قۇ‌رۇ‌پ قاغجىرىغان يە‌ر خۇ‌شال بولىدۇ،‏ چۆل-‏باياۋان شادلىنىپ،‏ زە‌پىراندە‌ك چېچە‌كلە‌يدۇ».‏—‏يە‌شايا 35:‏1‏.‏