مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

6 مىليون ئادە‌م تاجسىمان ۋىرۇ‌س سە‌ۋە‌بلىك ئۆلدى — مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

6 مىليون ئادە‌م تاجسىمان ۋىرۇ‌س سە‌ۋە‌بلىك ئۆلدى — مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 دۇ‌نيا سە‌ھىيە تە‌شكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،‏ 2022-‏يىل،‏ 23-‏مايغا قە‌دە‌ر،‏ 19-‏COVID سە‌ۋە‌بلىك،‏ 6 مىليون 270 مىڭ ئادە‌م ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ 2022-‏يىل،‏ 5-‏ماي كۈنى،‏ دۇ‌نيا سە‌ھىيە تە‌شكىلاتى ئېلان قىلغان خە‌ۋە‌ردە ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكە‌نلىكىنى مۆلچە‌رلە‌نگە‌ن.‏ دوكلاتتا 2020 ۋە 2021-‏يىللاردا «19-‏COVID تارقىلىشچان ۋىرۇ‌س سە‌ۋە‌بلىك بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ ئومۇ‌مىي سانى تە‌خمىنە‌ن 14 مىليون 900 مىڭ» ئىكە‌نلىكى ئېيتىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ‌نداق ئېچىنىشلىق پاجىئە‌لە‌ر ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌جە‌للىك يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌رنىڭ تارقىلىشى بېشارە‌ت قىلىنغان

  •    ئە‌يسا «ئاخىر زامان» دە‌پ ئاتىلىدىغان مە‌زگىلدە،‏ ۋابالار ياكى «يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌رنىڭ» تارقىلىشىنى ئالدىن-‏ئالا بېشارە‌ت قىلغان.‏—‏لۇ‌قا 21:‏11؛‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1‏.‏

 ئە‌يسانىڭ بېشارىتى بۈگۈنكى كۈندە ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ.‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏‏‹ئاخىرقى كۈنلە‌رنىڭ›،‏ يە‌نى ئاخىر زاماننىڭ بە‌لگۈلىرى نېمە؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌سە‌للى بېرىدۇ

  •    «بارلىق تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان رە‌ھىمدىل .‏.‏.‏ خۇ‌دا بىزگە تە‌سە‌للى بېرىپ كە‌لدى».‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3،‏ 4‏.‏

 يېقىنلىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌سە‌للى تاپتى.‏ «‏قايغۇ‌نى يېنىكلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ۋە «‏قايغۇ‌رۇ‌پ قان يۇ‌تقانلار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ياردە‌م‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌ڭگۈلۈك ھە‌ل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئاشكارىلىدى

  •    «پادىشاھلىقىڭ يە‌ر يۈزىدە نامايان بولغاي.‏ ئىرادە‌ڭ ئە‌رشتىكىدە‌ك يە‌ر يۈزىدىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغاي».‏—‏مە‌تتا 6:‏10‏.‏

 پات-‏ئارىدا «خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى» بارلىق ئىنسانلارنى «ھېچكىم ئە‌مدى ئۆزىنى ‹مە‌ن كېسە‌ل›» دېمە‌يدىغان كۈنگە ئېرىشتۈرىدۇ (‏ماركۇ‌س 1:‏14،‏ 15؛‏ يە‌شايا 33:‏24‏)‏.‏ بۇ ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ كە‌لگۈسىدە نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانا مە‌سلىھە‌تلىرى ۋە ئاجايىپ ۋە‌دىلىرى سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلە‌رنى نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ بىز سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىمىز.‏