مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏بۆلۈم

كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شنى ياخشىلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر

كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شنى ياخشىلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر

مە‌ھە‌للىڭىزگە يېڭى بىر دوختۇ‌ر كۆچۈپ كە‌لدى،‏ دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ دە‌سلىپىدە بە‌لكىم ئۇ‌نىڭ ياخشى دوختۇ‌ر ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نمە‌ي،‏ گۇ‌ماندا بولغانسىز.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ دوختۇ‌رنىڭ ياردىمىدە،‏ بە‌زى دوستلىرىڭىزنىڭ سالامە‌تلىكى كۆپ ياخشىلانغان بولسىچۇ؟‏ سىز ھە‌م شۇ دوختۇ‌ردىن مە‌سلىھە‌ت سوراپ كۆرمە‌مسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى بە‌زى جە‌ھە‌تتىن،‏ ئاشۇ دوختۇ‌رغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئاشۇ يازمىلاردىن مە‌سلىھە‌ت سوراشتىن قورقۇ‌پ گۇ‌ماندا بولۇ‌شقان.‏ بىراق،‏ كېيىنچە ئۇ‌لار يازمىلاردىكى دانا مە‌سلىھە‌تنى ئۆزلىرىگە تە‌تبىقلاپ،‏ تۇ‌رمۇ‌شىنى كۆپ ياخشىلىيالىغان.‏ تۆۋە‌ندىكى بىرنە‌چچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

نىكاھتىكى مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىش

‏«توي قىلىپ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئېرىم دۇ‌ماسنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلمە‌يۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم،‏ قاتتىق خاپا بولغىنىمدىن،‏ ھە‌مىشە ۋاقىراپ-‏جارقىراپ ئۇ‌نى ھاقارە‌تلە‌پ،‏ قولۇ‌مغا چىققاننىڭ ھە‌ممىسىنى ئۇ‌نىڭ بېشىغا ئېتىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا مۇ‌شت كۆتە‌ردىم.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ قاتتىق ئاچچىقلانغاچ،‏ ھوشۇ‌مدىن كېتە‌تتىم.‏

‏«ئېرىم دۇ‌ماس مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا،‏ ئۇ‌نى مە‌سخىرە قىلدىم.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئۆگە‌نگە‌ن ۋاقىتتا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ياندىكى خانىدە ئوغۇ‌رلۇ‌قچە تىڭشايتتىم.‏ بىر كۈنى،‏ «ئە‌ي ئاياللار،‏ ھە‌زرىتىمىزگە بويسۇ‌نغاندە‌ك،‏ ئە‌رلىرىڭلارغا بويسۇ‌نۇ‌ڭلار.‏ … ئايالمۇ ئۆز ئېرىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن ئايە‌تنى ئاڭلاپ قالدىم (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏22،‏ 33‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر قە‌لبىمگە قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏ مە‌ن ئېرىمنى خورلىغانلىقىم ئۈچۈن خۇ‌دادىن كە‌چۈرۈم تىلىدىم ۋە ياخشى ئايال بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىپ ياردە‌م سورۇ‌دۇ‌م.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ دۇ‌ماس ئىككىمىز بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگە‌ندۇ‌ق»،‏ دە‌پ ئە‌سلە‌پ ئۆتتى.‏ —‏ سۇ‌مىياتۇ‌ن.‏

دۇ‌ماس بىلە‌ن سۇ‌مىياتۇ‌ن

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ھە‌م:‏ «ئە‌رلە‌رمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌ك»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏28‏)‏.‏ سۇ‌مىياتۇ‌ن يە‌نە:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىش ھە‌ر ئىككىمىزگە تە‌سىر قىلدى.‏ مە‌ن دۇ‌ماس ئىشتىن قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىغا چاي ئېلىپ كېلىپ،‏ ئىللىق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلاتتىم.‏ دۇ‌ماس ھە‌م ماڭا كۆپرە‌ك كۆيۈنۈپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردە‌م قىلاتتى.‏ بىز ئىككىمىز تىرىشىپ،‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل بولۇ‌ڭلار.‏ … بىر-‏بىرىڭلارنى چىن دىلدىن كە‌چۈرۈڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌تنى ئۆزىمىزگە تە‌تبىقلىدۇ‌ق (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏32‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئىككىمىزنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ،‏ بىر-‏بىرىمىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز چوڭقۇ‌رلاشتى.‏ مانا ھازىر خۇ‌شال-‏خۇ‌رام نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىمىزغا 40 يىلچە بوپتۇ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دانىڭ دانا مە‌سلىھىتى نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى قوغداپ قالغان ئىدى!‏»—‏ دە‌يدۇ.‏

غە‌زە‌پنى تىزگىنلە‌ش

‏«مە‌ن قە‌ھرى-‏غە‌زە‌پ ئادە‌م ئىدىم،‏ ھە‌مىشە كىشىلە‌ر بىلە‌ن سوقۇ‌شاتتىم ۋە باشقىلارغا قۇ‌رال تە‌ڭلە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى قورقۇ‌تاتتىم.‏ ئاچچىقىم تۇ‌تقاندا،‏ ئايالىم كۇ‌سترىيانى ئۇ‌رۇ‌پ يە‌ردە دوملىتىۋېتە‌تتىم.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مېنىڭدىن قورقاتتى.‏

ھە‌ر ئاخشىمى كۇ‌سترىيا بىلە‌ن تايىب بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلىدۇ

‏«بىر كۈنى،‏ مە‌ن ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ:‏ «سىلە‌رگە يېڭى بىر ئە‌مر بېرىمە‌ن:‏ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.‏ مە‌ن سىلە‌رنى سۆيگىنىمدە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن شۇ‌نداق بىر سۆزىنى ئوقۇ‌پ قالدىم (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34‏)‏.‏ مە‌ن بە‌ك تە‌سىرلە‌ندىمكى،‏ ئۆزۈمنى ئۆزگە‌رتىش قارارىغا كە‌لدىم.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ ھە‌ر نۆۋە‌ت غە‌زە‌پتىن ئۆرتە‌نگىنىمدە،‏ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن خۇ‌دادىن ياردە‌م تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلدىم.‏ غە‌زە‌پلىنىدىغان مىجە‌زىم ئاستا-‏ئاستا يوق بولدى.‏ ئايالىم بىلە‌ن ئىككىمىز،‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏26،‏ 27-‏ئايە‌تلە‌ردىكى‏:‏ «غە‌زىپىڭلاردىن قايتماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ كۈنمۇ پېتىپ كە‌تمىسۇ‌ن.‏ شە‌يتانغا پۇ‌رسە‌ت بە‌رمە‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌رنى تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا تە‌تبىقلىدۇ‌ق.‏ ھە‌ركۈنى ئاخشىمى بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقۇ‌پ،‏ دۇ‌ئا قىلدۇ‌ق.‏ شۇ‌نداق قىلىش ھە‌ركۈنى پە‌يدا بولغان غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،‏ نىكاھ رىشتىمىز تېخىمۇ كۈچە‌يتتى.‏

‏«ھازىر باشقىلار مېنى مۇ‌لايىم ئادە‌م دېيىشىدۇ.‏ ئايالىم ۋە بالىلىرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ مېنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن دوستلىرىم بار ھە‌مدە ئۆزۈمنى يە‌ھۋاغا يېقىن ھېس قىلىمە‌ن.‏ مە‌ن ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ختلىك ئادە‌ممە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ —‏ تايىب.‏

زە‌ھە‌رلە‌ردىن قول ئۈزۈش

گوئىن

‏«مە‌ن قارا جە‌مئىيە‌ت شايكىلىرى بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلىپ،‏ تاماكىلارنى بېسىپ چېكە‌تتىم ۋە دائىم ئىچىۋېلىپ ئاخشاملىرى كوچىلاردا يىقىلىپ يېتىپ قالاتتىم.‏ ھە‌تتا مە‌ن نە‌شە،‏ باش چايقاش كومىلىچى دېگە‌نگە ئوخشاش قانۇ‌نسىز زە‌ھە‌رلە‌رنى ئىستېمال قىلاتتىم ۋە ساتاتتىم.‏ ئۇ‌لارنى ئوق ئۆتمە‌س كىيىمىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ ساقلايتتىم.‏ گە‌رچە كىشىلە‌رگە لۈكچە‌كلە‌ردە‌ك كۆرۈنسە‌ممۇ،‏ ئە‌مما ھە‌مىشە قورقۇ‌پ يۈرە‌تتىم.‏

‏«بىرى ماڭا مۇ‌نۇ ئايە‌تنى كۆرسە‌تتى:‏ «ئە‌ي ئوغلۇ‌م تە‌لىمىمنى ئۇ‌نتۇ‌ما،‏ … چۈنكى ئۇ‌لار كۈنۈڭگە كۈن،‏ ئۆمۈرۈڭگە ئۆمۈر قوشۇ‌پ،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك تاپىسە‌ن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌زۇ‌ندىن بېرى،‏ مە‌ن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر كۆرۈپ،‏ خاتىرجە‌م تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە تە‌شنا بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن!‏ مە‌ن يە‌نە:‏ ‏«قە‌دىرلىك قېرىنداشلار،‏ بىزگە شۇ‌نداق ۋە‌دىلە‌ر بېرىلگە‌ن ئىكە‌ن،‏ تە‌ن ۋە روھىمىزنى بۇ‌لغايدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ردىن ئۆزىمىزنى پاكىزلاپ،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنگە‌ن ھالدا مۇ‌قە‌ددە‌سلىكىمىزنى مۇ‌كە‌ممە‌للە‌شتۈرە‌يلى»،‏—‏ دېگە‌ن ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌دۇ‌م (‏2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ مە‌ن زە‌ھە‌رلە‌ردىن قول ئۈزۈپ،‏ قارا جە‌مئىيە‌ت شايكىلىرى بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلىشنى توختاتتىم ۋە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىدىم.‏

‏«مە‌ن زە‌ھە‌ردىن قول ئۈزگىلى 17 يىلچە بولۇ‌پ قالدى.‏ مېنىڭ سالامە‌تلىكىم ياخشى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يېقىن دوستلىرىم بار،‏ پاك ۋىجدان بىلە‌ن ئائىلە‌مدىكىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بە‌ختلىك ياشاۋاتىمە‌ن.‏ كوچىلاردا مە‌ست بولۇ‌پ يېتىشنىڭ ئورنىغا،‏ خاتىرجە‌م ئۆز كارۋىتىمدا ئۇ‌يقۇ‌منى ئۇ‌خلايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ بايان قىلغان‏.‏ —‏ گوئىن.‏

ئىرقى كە‌مسىتىشنى تاشلاش

‏«ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىلا،‏ جىنايە‌ت يولىغا قە‌دە‌م بېسىپ،‏ كۆپۈنچە باشقا بىر مىللە‌ت كىشىلىرىنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى بوزە‌ك قىلاتتىم.‏

‏«ئە‌مما،‏ كېيىنچە خۇ‌دانى ئىزدە‌شكە باشلىدىم.‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىدىغان بىر توپ كىشىلە‌رنى ئۇ‌چراتتىم.‏ مە‌ن شۇ بىر توپ كىشىلە‌ر ئارىسىدا ھە‌رخىل ئىرق ۋە مىللە‌ت كىشىلىرىنىڭ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام،‏ ئە‌ركىن-‏ئازادە بىر-‏بىرى بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ھە‌تتا مە‌ن ئۆچ كۆرىدىغان مىللە‌ت كىشىلىرى بار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار مېنى قىزغىنلىق بىلە‌ن قارشى ئالدى!‏ مە‌ن ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌پ قالدىم!‏ شۇ‌ندىلا،‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ:‏ «خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىش قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن ئايىتىنى چۈشىنىپ يە‌تتىم‏.‏‏—‏ ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35‏.‏

‏«مانا ھازىر قە‌لبىمنى زە‌ھە‌رلە‌يدىغان ئۆچمە‌نلىك ۋە كە‌مسىتىشلە‌ر يوقالدى.‏ مېنىڭ ئە‌ڭ يېقىن دوستلۇ‌رۇ‌منىڭ بە‌زىلىرى ھە‌تتا ئىلگىرى مە‌ن ئۆچ كۆرگە‌ن مىللە‌ت كىشلىرىدۇ‌ر.‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلىرى ئارقىلىق ماڭا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى ئۆگە‌تتى»،‏—‏ دە‌پ كە‌چۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بە‌ردى.‏ —‏ بامباڭ

بامباڭ ھازىر ھە‌رخىل ئىرق،‏ مىللە‌ت كىشىلىرى بىلە‌ن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام باردى-‏كە‌لدى قىلىشىدۇ

زوراۋانلىق قىلىشنى توختۇ‌تۇ‌ش

‏«ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىلا،‏ ئىككى قېتىم ئوغرىلىق بىلە‌ن،‏ يە‌نە بىر قېتىمدا،‏ بىر ئادە‌مگە ۋە‌ھشىيلە‌رچە پىچاق تىقىپ تۈرمىگە كىردىم.‏ كېيىنچە،‏ ئىسيانچى توپقا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنى ئۆلتۈردۈم.‏ توپىلاڭ كۆتۈرۈشلە‌ر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،‏ مە‌ن كىشىلە‌رنى قاقتى-‏سوقتى قىلىدىغان بىر گۇ‌رۇ‌پپا جىنايە‌تچىلە‌رگە باشلىق بولدۇ‌م.‏ قە‌يە‌رگە بارسام،‏ مېنىڭ قوغدىغۇ‌چى چاپارمە‌نلىرىم مە‌ن بىلە‌ن بىللە باراتتى.‏ مە‌ن زوراۋان ۋە خە‌تە‌رلىك ئادە‌م ئىدىم.‏

ھازىر گاروگا زوراۋان ئادە‌م ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ ۋە باشقىلار ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ

‏«بىر كۈنى،‏ مە‌ن مۇ‌نۇ ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ قالدىم:‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت سە‌ۋرچان ۋە مېھرىباندۇ‌ر.‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌سە‌ت قىلمايدۇ ماختانچاقلىق ۋە تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق قىلمايدۇ،‏ ئە‌دە‌پسىزلىك قىلمايدۇ،‏ ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىمە‌يدۇ،‏ ئاسانلا ئاچچىقلانمايدۇ.‏ ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىمايدۇ» (‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4،‏ 5‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر مېنى قاتتىق تە‌سىرلە‌ندى.‏ مە‌ن باشقا بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگە‌ندىم.‏ شۇ يازمىلاردىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدا ئە‌مە‌لىي ئىشلە‌تتىم.‏

‏«ھازىر مە‌ن زوراۋان ئادە‌م ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى باشقىلارغا ئۆگىتىمە‌ن ۋە باشقىلار مېنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ مانا ھازىر تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدا ئېنىق نىشانىم بار بولغاچ،‏ مە‌نىلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرمە‌كتىمە‌ن»،‏ دە‌پ بايان قىلىدۇ.‏ —‏ گاروگا.‏

خۇ‌دانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە

مۇ‌شۇ‌لار ۋە باشقا سان-‏ساناقسىز كە‌چۈرمىشلە‌ر،‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزى تىرىك ۋە كۈچلۈكتۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن ئايە‌تنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (‏ئىبرانىيلار 4:‏12‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى نە‌سىھە‌تلە‌ر ئاددىي،‏ قوللىنىشچان بولۇ‌پ،‏ كىشىگە ئىلھام-‏مە‌دە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار سىزگە ھە‌م ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سىز دۇ‌چ كېلىدىغان ھە‌رقانداق مە‌سىلىلە‌رنى بىر تە‌رە‌پ قىلىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بولغان.‏ ئۇ تە‌لىم بېرىش،‏ تە‌نبىھ بېرىش،‏ تۈزىتىش،‏ ھە‌ققانىيلىق يولىدا تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر.‏ شۇ ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ بە‌ندىسى ھە‌ر تە‌رە‌پلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ھە‌رقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رسۇ‌ن»‏‏.‏‏—‏ 2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17‏.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ئاساسىي تە‌لىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏