مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

7-‏بۆلۈم

بالىنى ياشتىن ئۆگە‌ت

بالىنى ياشتىن ئۆگە‌ت

‏«مە‌ن بۇ كۈن ساڭا بېرىدىغان بۇيرۇقلىرىمنى كۆڭلۈڭگە ئېلىپ،‏ ئۇلارنى بالىلىرىڭغىمۇ ئۇقتۇر» (‏تە‌كرار قانۇن 6:‏6،‏ 7‏)‏.‏

ئائىلىنىڭ ئاساسچىسى يە‌ھۋ‌ا خۇدا ئاتا-‏ئانىلارغا بالىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش ۋ‌ە‌زىپىسىنى تاپشۇردى (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏20‏)‏.‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ۋ‌ە‌زىپىسى بالىلىرىدا يە‌ھۋ‌ا خۇداغا بولغان مېھىر-‏مۇھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۇلارنى مە‌سئۇلىيە‌تچان ئادە‌م قىلىپ تە‌ربىيىلە‌شتىن ئىبارە‌تتۇر (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏5؛‏ 3:‏15‏)‏.‏ ئوغلىڭىزنىڭ ياكى قىزىڭىزنىڭ قە‌لبىدە نېمە بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن سىزنىڭ ئۈلگىڭىز ناھايىتى مۇھىم.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋ‌ا خۇدانىڭ سۆزى قە‌لبىڭىزدە بولسا،‏ ئۇنى بالىلىرىڭىزغا ئۆگىتىش ئاسان بولىدۇ (‏زە‌بۇر 40:‏8‏)‏.‏

1.‏ بالىڭىزنى تىڭشاشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار بولۇڭ

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«ھە‌رقانداق ئادە‌م ئاڭلاشقا تېز،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمايدىغان.‏.‏.‏ بولۇشى كېرە‌ك» (‏ياقۇپ 1:‏19‏)‏.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ سىز بىلە‌ن ھە‌رقانداق ماۋ‌زۇغا ئە‌ركىن-‏ئازادە سۆزلىشە‌لىشى ئىنتايىن مۇھىم.‏ سىزنىڭ تىڭشاشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزگە پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ ئىشە‌نچى كامىل بولۇشى كېرە‌ك.‏ ئۆيىڭىزدە تىنچلىق ۋ‌ە خاتىرجە‌ملىك ھۆكۈم سۈرسە،‏ ئۇلار ئوي-‏پىكىرلىرىنى ۋ‌ە ھېس-‏تۇيغۇلىرىنى بىمالال ئىپادىلە‌شتىن قورقمايدۇ (‏ياقۇپ 3:‏18‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر پە‌رزە‌نتلىرىڭىز سىزنى ئاچچىقى يامان ئادە‌م دە‌پ بىلسە ياكى ئاھانە‌ت قىلىدۇ دە‌پ ئويلىسا،‏ سىز بىلە‌ن ئوچۇق-‏ئاشكارە سۆزلىشىشى ناتايىن.‏ شۇڭا بالىلىرىڭىزغا سە‌ۋ‌ر-‏تاقە‌تلىك بولۇپ،‏ مېھىر-‏مۇھە‌ببىتىڭىزنى پات-‏پات ئىپادىلە‌پ تۇرۇڭ (‏مە‌تتا 3:‏17؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏1‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىلىرىڭلار سىز بىلە‌ن سۆزلە‌شمە‌كچى بولغاندا،‏ ئۇلارنى تىڭشاشقا تە‌ييار بولۇڭ

  • بالىلىرىڭلار بىلە‌ن پە‌قە‌ت قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇنتىزىم سۆزلىشىشكە ۋ‌اقىت چىقىرىڭلار

2.‏ ئۇلارنىڭ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«ئادە‌منىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏4‏)‏.‏ بە‌زىدە بالىنىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرىنىڭ تېگىدە نېمە ياتقانلىقىنى دە‌رھال چۈشىنىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئۆسمۈرلە‌رنىڭ تۈگمىدە‌ك نە‌رسىنى تۆگىدە‌ك قىلىپ كۆرسىتىش ياكى ئە‌سلى ئويىدا بولمىغان نە‌رسىنى ئېيتىش ئادىتى بار.‏ «سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋ‌اب بە‌رگە‌ن،‏ جاۋ‌اب بېرىشكە ئالدىرىغان،‏ ئە‌خمە‌قلىقىنى كۆرسىتىدۇ» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏13‏)‏.‏ خاپا بولۇشقا ئالدىرىماڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏11‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىلىرىڭىز نېمە دېسىمۇ،‏ ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈشكە ئالدىرىماڭ ۋ‌ە ئۆزىڭىزنى قايناپ كېتىشتىن تۇتۇڭ

  • ئۇلارنىڭ يېشىدا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىڭىزنى ۋ‌ە سىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنىڭ مۇھىم بولغانلىقىنى ئېسىڭىزغا ئېلىڭ

3.‏ مە‌سلىھە‌تلىك ئىش بۇزۇلماس

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«ئە‌ي ئوغلۇم،‏ ئاتاڭنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇلاق سال،‏ ئاناڭنىڭ سۆز-‏نە‌سىھىتىدىن ئايرىلما» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏8‏)‏.‏ پە‌رۋ‌ە‌ردىگار يە‌ھۋ‌ا بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌شنى ھە‌م ئاتىغا،‏ ھە‌م ئانىغا تاپشۇرغان.‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ۋ‌ە گېپىڭلارغا قۇلاق سېلىشقا ئۆگىتىڭلار (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏1—‏3‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانا «پىكىرلە‌ردە.‏.‏.‏ بىرلە‌شكە‌ن» بولمىسا،‏ بالىلار بۇنى بىردىنلا تۇيۇپ قالىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 1:‏10‏)‏.‏ ئاراڭلاردىكى كېلىشمە‌سلىكلە‌رنى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يالغۇز قېلىپ مۇھاكىمە قىلىڭلار.‏ ئە‌كسىچە بولغاندا بالىلار ئالدىدىكى ئابرويۇڭلار تۆكۈلىدۇ.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنى قانداق تە‌ربىيىلە‌يدىغىنىڭلارنى ۋ‌ە قانداق جازالايدىغىنىڭلارنى كېلىشىۋ‌ېلىڭلار

  • تە‌ربىيە مە‌سىلىلىرىدە ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن كۆزقاراشلىرىڭلار ئوخشاش بولمىسا،‏ بىر-‏بىرىڭلارنىڭ ئوي-‏پىكرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار

4.‏ پۇختا ئويلىنىپ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىڭلار

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«بالىغا كىچىكىدە مىجە‌زىگە قاراپ توغرا تە‌ربىيە بە‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6‏)‏.‏ بالىلار ئۆز-‏ئۆزىدىنلا ئە‌دە‌بلىك ۋ‌ە تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن بولۇپ قالمايدۇ.‏ سىزگە ئويلىنىپ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىش كېرە‌ك ۋ‌ە تە‌ربىيىلە‌شنىڭ تۈزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇتۇش كېرە‌ك (‏زە‌بۇر 127:‏4؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏17‏)‏.‏ لېكىن تۈزىتىش پە‌قە‌ت جازالاشتىنلا ئىبارە‌ت ئە‌مە‌س.‏ بالىغا نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئۇ ياكى بۇ قائىدىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىۋ‌اتقانلىقىڭلارنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىش لازىم (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 28:‏7‏)‏.‏ شۇنداقلا بالىلىرىڭلارنى يە‌ھۋ‌انىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە ۋ‌ە ئۇنىڭدىكى پرىنسىپلارنى چۈشىنىشكە ئۆگىتىڭلار (‏زە‌بۇر 1:‏2‏)‏.‏ شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى توغرا تە‌ربىيىلىنىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 5:‏14‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىلىرىڭلارغا خۇدانى ھە‌قىقىي تايىنىشقا بولىدىغان مە‌ۋ‌جۇت شە‌خس دە‌پ تونۇپ-‏بىلىشكە ياردە‌م بېرىڭ

  • ئۇلارغا ئە‌خلاقىي خە‌ۋ‌پ-‏خە‌تە‌رلە‌ر بىلە‌ن تۇزاقلاردىن،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تور ۋ‌ە ئىجتىمائىي تورلاردىكى خە‌ۋ‌پ-‏خە‌تە‌رلە‌ردىن،‏ نېرى بولۇشقا ئۆگىتىڭلار.‏ شۇنداقلا بالىلارغا جىنسىي خورلۇق قىلىدىغانلاردىن قانداق ساقلىنىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈڭلار

‏«بالىغا كىچىكىدە ھە‌ققانىي يولدا مېڭىشنى ئۆگە‌ت»‏