16-دەرس
ئەيسا يەردە ياشىغاندا نېمىلەرنى قىلغان؟
ئەيسا توغرۇلۇق گەپ بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئالدىغا ياردەمگە مۇھتاج بىر بوۋاق، ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر ياكى مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر كىشىنى كەلتۈرىدۇ. بىراق، ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ھەققىدە ئۆگەنسەك، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايمىز. بۇ دەرستە، ئەيسانىڭ قىلغان مۇھىم ئىشلىرىدىن بەزىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1. ئەيسا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش نېمە بولغان؟
ئەيسانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى جاكارلاش بولغان (لۇقا 4:43-نى ئوقۇڭ). ئۇ يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر خۇدا تىكلەيدىغان پادىشاھلىق ھەققىدە ئىدى. بۇ ھۆكۈمەت ئىنسانلارنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالايدۇ a. ئەيسا ئۈچ يېرىم يىل تىرىشىپ، ئادەملەرگە تەسەللى بېرىدىغان بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن.—مەتتا 9:35.
2. ئەيسا نېمە ئۈچۈن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن؟
مۇقەددەس كىتابتا، خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان (ئەلچىلەر 2:22). خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ئەيسا بوران-چاپقۇنلارنى توختىتىپ، مىڭلىغان ئىنسانلارنى تويغۇزغان، ئاغرىقلارنى ساقايتقان، ھەتتا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگەن ئىدى (مەتتا 8:23–27؛ 14:15–21؛ ماركۇس 6:56؛ لۇقا 7:11–17). ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر ئارقىلىق، ئادەملەر خۇدانىڭ ئۇنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەن. شۇ مۆجىزىلەر يەنە يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
3 .ئەيسانىڭ ھاياتىدىن بىز نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
ئەيسا تۈرلۈك ۋەزىيەتلەردە يەھۋاغا ئىتائەت قىلغان (يۇھاننا 8:29-نى ئوقۇڭ). قارشىلىقلارغا قارىماي، ئەيسا ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئورۇنلىغان. شۇ ئارقىلىق ئادەملەر مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىسۇن، خۇداغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. شۇنداق قىلىپ ئەيسا ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئۈلگە قالدۇرغان.—1-پېترۇس 2:21.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەيسانىڭ خۇش خەۋەرنى قانداق ۋەز قىلغانلىقى ۋە قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
4. ئەيسا خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلغان
ئەيسا مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، نەچچە يۈز كىلومېتىر، توپا-چاڭ يوللارنى پىيادە ماڭغان. لۇقا 8:1-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسا پەقەت ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگىلا ۋەز قىلغانمۇ؟
-
ئەيسا ئادەملەرنى تېپىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن؟
مەسىھنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلايدىغانلىقى ھەققىدە، خۇدا ئالدىن بېشارەت ئېيتقان. يەشايا 61:1، 2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسا بۇ بېشارەتنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغان؟
-
سىزنىڭچە، ئادەملەر بۈگۈنكى كۈندە بۇ خۇش خەۋەرگە مۇھتاجمۇ؟
5. ئەيسا مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئۆگەتكەن
ئۇ پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىپلا قالماي، يەنە پايدىلىق نەسىھەتلەرنى ئۆگەتكەن. ئەيسانىڭ تاغدا ئېيتقان تەلىملىرىدىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى. مەتتا 6:14، 34 ۋە 7:12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتلەردە، ئەيسا قانداق نەسىھەتلەرنى بەرگەن؟
-
سىزنىڭچە، بۇ نەسىھەتلەر بۈگۈنكى كۈندە پايدىلىقمۇ؟
6. ئەيسا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى
ئەيسانىڭ نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا كۈچ بەرگەن. بىر مىسالنى كۆرۈش ئۈچۈن ماركۇس 5:25–34-نى ئوقۇڭ ياكى فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
فىلىمدا، بىر كېسەل ئايال نېمىگە ئىشەنگەن؟
-
ئۇ مۆجىزىدە، سىز نېمىنى ئەڭ ياقتۇردىڭىز؟
يۇھاننا 5:36-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسانىڭ مۆجىزىلىرى نېمىنى ئىسپاتلىغان؟
سىز بىلەمسىز؟
مۇقەددەس كىتابتا ئىنجىل (خۇش خەۋەر) دەپ ئاتالغان تۆت كىتاب بار. ئۇلار مەتتا، ماركۇس، لۇقا ۋە يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەرلەر. ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ئىش ئىزلىرى بۇ كىتابلاردا تەپسىلىي يېزىلغان. ھەر بىر كىتابنى قەلەمگە ئالغانلار ئەيسا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمايدىغان تەپسىلاتلارنى يازغان. بۇ تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەيسانىڭ ھاياتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، ئۇ ھەققىدە تولۇقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
-
مەتتا
تۇنجى بولۇپ خۇش خەۋەرنى يازغان. ماركۇس ئەيسانىڭ تەلىملىرى، بولۇپمۇ خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى خاتىرىلىگەن.
-
ماركۇس
يازغان خۇش خەۋەر ئەڭ قىسقا بولغان. ماركۇس ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە قىلغان تەسىرلىك ئىشلىرىنى قىسقا، ئىخچام بايان قىلغان.
-
لۇقا
ئەيسا ئۈچۈن دۇئانىڭ قانچىلىك مۇھىم بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاياللارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى يازغان.
-
يۇھاننا
ئەيسانىڭ ئۆز يېقىن دوستلىرى ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن قىلىشقان نۇرغۇن گەپ-سۆزلىرى يازغان. بۇ بىزنىڭ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ئەيسا، خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن بىرى».
-
سىز قانداق ئويلايسىز؟
خۇلاسە
ئەيسا مەسىھ، خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ۋەز قىلغان، مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن ۋە ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەردە يەھۋاغا ئىتائەتچان بولغان.
تەكرارلاش
-
ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى نېمە بولغان؟
-
ئەيسانىڭ مۆجىزىلىرى نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟
-
ئەيسا قانداق ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بەرگەن؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ئەيسا دائىم نېمە ھەققىدە تەلىم بەرگەن؟
«ئەيسا ئۈچۈن خۇدا پادىشاھلىقى ئەڭ مۇھىم بولغان» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 1-ئۆكتەبىر)
نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە ھەقىقەتەن ئىشىنەلەيمىز؟
«ئەيسانىڭ مۆجىزىلىرى — ئۇلاردىن نېمىنى بىلەلەيمىز؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2004-يىل، 15-ئىيۇل)
ئەيسانىڭ ئۆزىنى باشقىلار ئۈچۈن پىدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى مىسالنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن بىر كىشى ھەققىدە ئوقۇڭ.
«پەقەت ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىناتتىم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 1-ئۆكتەبىر)
ئەيسانىڭ يەردە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ۋاقىت جەدۋەللىرىگە قاراڭ.
«ئەيسانىڭ يەردىكى ھاياتىنىڭ مۇھىم ۋەقەلىرى» («مۇقەددەس كىتاب — مەدھىيە تەرجىمىسى»، 4-قوشۇمچە ئىزاھات)
a 31–33-دەرسلەردە، خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە كۆپرەك مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.