مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏باب

ياخشى ۋە ئەسكى پەرىشتىلەر بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟

ياخشى ۋە ئەسكى پەرىشتىلەر بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟

ياخشى پەرىشتىلەر ئىنسانلارغا ياردەم بېرەمدۇ؟

جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەر ئىنسانلارغا قانداق تەسىر قىلغان؟

بىز جىنلاردىن قورقۇشىمىز كېرەكمۇ؟

بـىـر ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە ئاشۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكى باشقا ئائىلە ئەزالىرى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاللا يەھۋانى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولغان پەرىشتىلەر توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش زۆرۈر. مۇقەددەس كىتاب:‏ پەرىشتىلەرنى ‹خۇدانىڭ ئوغۇللىرى› دەپ ئاتىغان (ئايۇپ 38:‏7). ئۇنداقتا، خۇدانىڭ مەقسىتىنىڭ ئورۇندىلىشىدا ئۇلارنىڭ قانداق ۋەزىپىسى بار؟ ئۆتمۈشتە پەرىشتىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانمۇ؟ پەرىشتىلەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

2 مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەر نەچچە يۈز قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغان. قېنى بىز پەرىشتىلەر ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى بىر قانچە ئايەتنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. پەرىشتىلەرنى كىم ياراتقان؟ كولوسىلىقلار 1-‏باب 16-‏ئايەت:‏ «ئاسمانلاردىكى ۋە يەردىكىنىڭ ھەممىسى ئۇ [مەسىھ ئەيسا] نىڭ ۋاستىسى بىرلە يارىتىلدى» دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، پەرىشتىلەر دەپ ئاتالغان بارلىق روھى مەخلۇقاتلار ئۆز تۇنجى ئوغلىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىر-‏بىرلەپ يەھۋا تەرىپىدىن يارىتىلغان. پەرىشتىلەرنىڭ سانى قانچە؟ مۇقەددەس كىتاب مىليونلىغان پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ كۈچ-‏قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — زەبۇر 103:‏20.*

3 خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب بىزگە:‏ خۇدا يەرنىڭ ئۇلىنى قويغاندا، «خۇدانىڭ ھەممە ئوغۇللىرى خۇشاللىقىدىن قىچقىرىشىپ تۇرغانىدى» دەيدۇ (ئايۇپ 38:‏4-‏7). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرىشتىلەر ئىنسانلار يارىتىلىشتىن، ھەتتا يەرشارى يارىتىلىشتىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان. مۇقەددەس كىتابتا ئايۇپ پەيغەمبەر پەرىشتىلەر:‏ «شادلىق قىلىشىپ» مەدىيەھ ئوقۇشقان دەپ يازغان. بۇلار ھەم پەرىشتىلەردە ھېسسىيات بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا سۆزلەنگەندەك، «خۇدانىڭ ھەممە ئوغۇللىرى» نىڭ خۇشاللىقتا تەنتەنە قىلغانلىقىغا قارىغاندا، ئاشۇ ۋاقىتتا بارلىق پەرىشتىلەر چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ ئۇيۇشۇپ يەھۋاغا خىزمەت قىلغان.

پەرىشتىلەرنىڭ قوللىشى ۋە قوغدىشى

پەرىشتە شىر ئۆڭكۈرىدە دانىيالنى قوغدىماقتا

«مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ…ئۇلار [شىرلار] نىڭ ئېغىزىنى بەند قىلىپ [باغلاپ] قويدى». — دانىيال 6:‏22

4 ساداقەتمەن پەرىشتىلەر تۇنجى ئىنسانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خۇدانىڭ ئۆز مەقسىتىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىققان (پەندى-‏نەسىھەت 8:‏30، 31؛ 1-‏پېترۇس 1:‏11، 12). ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پەرىشتىلەرنىڭ كۆرگىنى، كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ مېھر-‏مۇھەببەتلىك ياراتقۇچىسىنى تاشلاپ ئۆز ياراتقۇچىسىغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى بولغان ئىدى. ساداقەتمەن پەرىشتىلەرنىڭ بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ ناھايىتى ئازابلانغانلىقى شەك-‏شۈبھىسىزدۇر. شۇنداقلا، بىر ئىنسان خۇدانىڭ يولىغا قايتسا، «خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا…خۇرسەنلىك بولادۇر» (لۇقا 15:‏10). پەرىشتىلەر پەرۋەردىگار يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ بەخت-‏سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، يەھۋانىڭ دائىم ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس (ئىبرانىيلار 1:‏7، 14). تۆۋەندىكى بىر نەچچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.

5 ئۆتمۈشتە خۇدا رەزىللىككە تولغان سودوم ۋە گومورا شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلغاندا، ئىككى پەرىشتە ھەققانىي كىشى لۇت ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ شەھەردىن قېچىپ چىقىپ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان (يارىتىلىش 19:‏15، 16). ئەسىرلەردىن كېيىن، دانىيال پەيغەمبەر شىر ئۆڭكۈرىگە تاشلانغاندا، ئۇ ھېچقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان، ھەمدە ئۇ:‏ «مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ…ئۇلار [شىرلار] نىڭ ئېغىزىنى بەند قىلىپ [باغلاپ] قويدى» دېگەن (دانىيال 6:‏22). مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، بىر پەرىشتە ئەيسانىڭ شاگىرتى پېترۇسنىڭ زىنداندىن قۇتۇلۇپ ئەركىن بولۇشىغا ياردەم قىلغان (ئەلچىلەر 12:‏6-‏11). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا پەيغەمبەر خۇش خەۋەر تارقىتىش خىزمىتىنى باشلىغاندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىغان (ماركۇس 1:‏13). يەنە مەسىھ ئەيسا ئۆلۈشتىن ئازراق ئىلگىرى بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ «ئۇنى قوۋۋەتلەندۈرگەن» (لۇقا 22:‏43). ئەيسانىڭ ھاياتىدىكى ئاشۇ ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە، پەرىشتىنىڭ ئۇنى كۈچ قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئىلھاملاندۇرۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە دېگەن چوڭ تەسەللىي، ھە!

6 بۈگۈنكى كۈندە، پەرىشتىلەر تەڭرى يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى خەلقىگە كۆرۈنمەيدۇ. گەرچە ئىنسانلار پەرىشتىلەرنى كۆرەلمىسىمۇ، خۇدانىڭ كۈچ-‏قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى خۇدانىڭ خەلقىنى روھىي جەھەتتىكى زىيانكەشلىكتىن قوغدايدۇ. مۇقەددەس كىتاب:‏ «خۇداۋەندىدىن قورققۇچىلارنىڭ چۆرىسىگە ئۇنىڭ پەرىشتىسى چۈشۈپ ئۇلارنى قۇتقۇزادۇر» دەيدۇ (زەبۇر 34:‏7). نېمە ئۈچۈن ئاشۇ سۆزلەر بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللىي؟ چۈنكى، ناھايىتى خەتەرلىك ئەسكى پەرىشتىلەر بار بولۇپ، ئۇلار بىزنى ھالاك قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار قانداق پەيدا بولدى؟ ئۇلار بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قانداق ئۇرۇنىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، قېنى بىز ئىنسانلار تارىخى باشلانغاندا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.

ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئەسكى پەرىشتىلەر

7 بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 3-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، پەرىشتىلەردىن بىرى باشقىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئارزۇسىنى ئۆز قەلبىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاللاغا قارشى چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ پەرىشتە ئىبلىس شەيتانغا ئايلانغان (ۋەھىيلەر 12:‏9). شەيتان ھاۋا-‏ئانىنى ئازدۇرغاندىن كېيىنكى 1600 يىل جەريانىدا يەنە ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ، ئاللاغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەردىن باشقا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئاللادىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتىشتە زور مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشكەن. ئاشۇ ئاز ساندىكى ساداقەتمەن كىشىلەر ھابىل، ھانۇخ ۋە نۇھ قاتارلىقلاردۇر. — ئىبرانىيلار 11:‏4، 5، 7.

8 نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا، باشقا پەرىشتىلەرمۇ ئاللا يەھۋاغا قارشى چىققان. ئۇلار خۇدانىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىنسان سىياقىغا كىرىپ يەر يۈزىگە چۈشكەن. نېمە ئۈچۈن؟ بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش 6-‏باب 2-‏ئايىتىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئادەملەرنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن ئۆزى خالىغانچە خوتۇنلار ئالدى». ئەمما، تەڭرى يەھۋا ئاشۇ پەرىشتىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق چىرىكلىشىپ كېتىشىگە يول قويمىغان. يەھۋا يەرشارىدىكى رەزىللىكلەرنى كەلكۈن سۈيى ئارقىلىق سۈپۈرۈپ تاشلىغان ۋە پەقەت ئۆزىگە سادىق بولغان خىزمەتچىلىرىنىلا ساقلاپ قالغان (يارىتىلىش 7:‏17، 23). نەتىجىدە، ئۇ قارشى چىققۇچى پەرىشتىلەر يەنى جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەر ئىنسان سىياقىدىكى تېنىنى تاشلاپ روھى جانلىق ھالىتىدە ئاسمانغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار ئىبلىس تەرەپتە تۇرغاچقا، ئىبلىس شەيتان ‹جىنلارنىڭ باشلىقى› بولغان. — مەتتا 9:‏34، ھ.ز.

9 خۇداغا بويسۇنمىغان ئەسكى پەرىشتىلەر ئاسمانغا قايتقاندا، باشلىقى شەيتانغا ئوخشاش خۇدانىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى (2-‏پېترۇس 2:‏4). ھازىر ئۇلار ئىنسان سىياقىدىكى تەننى كىيەلمىسىمۇ، ئۇلار داۋاملىق ئىنسانلارغا يامان تەسىر قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمىدە شەيتان «بارچە دۇنيانى ئازدۇرغۇچى» بولۇپ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ (ۋەھىيلەر 12:‏9؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏19). جىنلار ئادەملەرنى قانداق ئازدۇرىدۇ؟ جىنلار ئادەملەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ (2-‏كورىنتلىقلار 2:‏11). قېنى بىز جىنلارنىڭ ئادەملەرنى ئازدۇرىدىغان بەزى ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.

جىنلار ئادەملەرنى قانداق ئازدۇرىدۇ

10 جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەر كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. جىنكەشلىك، جادۇگەرلىك، سېھىرگەرلىك، داخانلىق، پالچىلىق قىلىش ئەمەلىيەتتە جىنلار بىلەن بىۋاسىتە ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئۇسۇللىرىدۇر. جادۇگەرلىككە ئوخشاش جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش مۇقەددەس كىتابتا ئەيىبلەنگەن بولۇپ، مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ ھەرقانداق تۈردىكى سېھىرگەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ (گالاتىيالىقلار 5:‏19-‏21). جىنلارنىڭ جىنكەشلىك قىلىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ئازدۇرۇشى خۇددى بېلىقچىلارنىڭ يەمچۈك ئارقىلىق بېلىقلارنى قارمىقىغا چۈشۈرگىنىگە ئوخشاش. بېلىقچىلار ھەرخىل يەمچۈك ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەرخىل تۈردىكى بېلىقلارنى تۇتقىنىغا ئوخشاش، جىنلار جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ھىيلە-‏نەيرەڭلىك ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ھەرقانداق ئادەمنى ئۆز ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالىدۇ.

1. ئون ئىككى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ سخېمىسى؛ 2. قول سىزىقىغا قاراپ پال ئېچىش؛ 3. خرۇستال شارچە؛ 4. قارتا پال ئېچىۋاتقان كىشى

جىنلار دەپ ئاتالغان يامان روھلار ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ

11 پال ئېچىش جىنلارنىڭ ئىشلىتىدىغان بىرخىل يەمچۈكى. پال ئېچىش دېگەن نېمە؟ پال ئېچىش كىشىلەرنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ قىلغان ھەرىكەتلىرىدۇر. پال ئېچىشنىڭ شەكىللىرى كۆپ بولۇپ، يۇلتۇزلارغا قاراش، قارت ئېچىش، تاشلارنى چېچىش، خرۇستال شارچىلارغا قاراش، قول سىزىقىنى ئوقۇش، چۈشلەرنى ئۆرۈش قاتارلىقلار. نۇرغۇن كىشىلەر پال ئېچىشنىڭ ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق، سىناپ باقسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتاب پالچىلارنىڭ جىنلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى يەنى ئۇلار بىرلىكتە ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەلچىلەر 16-‏باب 16-‏18-‏ئايەتتە:‏ «پالچىلىق روھ» ئۆز ئىلكىگە ئالغان يەنى جىن چاپلىشىۋالغان بىر قىزنىڭ پالچىلىق قىلىپ كەلگۈسى ئىشلارنى ئالدىن ئېيتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، جىنلار ئۇ قىزدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا، ئۇ قىزنىڭ كەلگۈسىنى ئېيتىپ بېرىش قابىلىيىتى يوقالغان.

12 جىنلارنىڭ ئادەملەرنى ئازدۇرۇشىنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى، ئادەملەرنى ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قۇتۇرتۇش. ئۆز يېقىن كىشىسى ئۆلۈپ كەتكەن كۆڭلى ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىسى توغرىسىدىكى خاتا ئىدىيەلەر تەرىپىدىن دائىم ئازدۇرۇلىدۇ. بەلكىم، پەقەت ئۆلۈپ كەتكەنلەرلا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ دەپ قارالغان مەلۇم ئىشلارنى، جىنلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ۋاستىچىلەر كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن ياكى ئۇلار ئاڭلىماققا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازدا سۆزلىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى راستتىنلا ھايات، بىز ئۆز قايغۇ-‏ھەسرەتلىرىمىزگە ئاشۇ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق تەسەللىي تاپالايمىز دەپ ئىشىنىدۇ. ئەمما، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تەسەللىي تېپىش ھەقىقەتەن خاتا ۋە خەتەرلىك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، جىنلار ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ ۋە جىنلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ۋاستىچىلەر ئۆلۈكلەر توغرىسىدىكى بەزى ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ (1-‏سامۇئىل 28:‏3-‏19). بىز مۇشۇ كىتابنىڭ 6-‏بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا جايلاردا يەنە مەۋجۇت بولۇپ ياشىمايدۇ (زەبۇر 115:‏17). شۇڭا «ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سورايدىغان كىشىلەر» جىنلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلىدۇ ھەمدە شۇنداق قىلىش خۇدانىڭ ئىرادىسىگە قارشى قىلىنغان ھەرىكەتتۇر (تەكرار قانۇن 18:‏10، 11؛ يەشايا 8:‏19). شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنلار ئىشلىتىدىغان خەتەرلىك يەمچۈككە ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم ھوشيار بولۇش كېرەك.

13 يامان روھلار يەنى جىنلار كىشىلەرنى ئازدۇرۇپلا قالماي يەنە كىشىلەرنى قورقىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان جىنلار ئۆزلىرىنىڭ «ۋاقتىنىڭ ئاز» قالغانلىقىنى ۋە پات-‏ئارىدا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىلگىرى ھېچقاچان قىلىپ باقمىغان ھەرخىل يامانلىقلارنى بارلىق كۈچى بىلەن قىلماقتا (ۋەھىيلەر 12:‏12، 17). گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىلگىرى يامان روھلارنىڭ يەنى جىنلارنىڭ قورقۇتۇشى ئاستىدا كېچە-‏كۈندۈز قورقۇنچ ئىچىدە ياشىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاشۇ قورقۇنچدىن ئاللىقاچان ئازاد بولالىغان. قانداق قىلىپ ئاشۇ قورقۇنچدىن ئازاد بولالىغان؟ ئەگەر بىر كىشى ئاللىقاچان جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، يامان روھلار يەنى جىنلارنىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلالايدۇ؟

جىنلارغا قانداق قارشى تۇرۇش كېرەك

14 مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق قىلىپ جىنلارغا قارشى تۇرۇش ۋە قانداق قىلىپ جىنلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ. مىلادى 1-‏ئەسىردىكى ئەفەس شەھرىدىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆرسەتكەن ئۈلگىسىگە قاراپ باقايلى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇشتىن ئاۋۋال جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سېھىرگەرلىك قىلىشنى تاشلاپ جىنلارنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇشنى قارار قىلغاندا، ئۇلار نېمە ئىش قىلغان؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «سېھىرۋازلىق قىلغۇچىلاردىن تولا كىشىلەر كىتابلىرىنى ئېلىپ كېلىپ يىغىپ ھەممە خەلقنىڭ ئالدىدا ئوتقا سېلىپ كۆيدۈردىلەر» دەيدۇ (ئەلچىلەر 19:‏19). ئاشۇ قەدىمكى ئەفەس شەھىرىدىكى يېڭى ئېتىقادچىلارنىڭ سېھرىگەرلىككە مۇناسىۋەتلىك كىتابلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشى، بۈگۈنكى كۈندە شەيتانغا قارشى تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالىغۇچىلار جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىشى كېرەك. جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتاب-‏ژۇرناللار، تەشۋىقات ۋە كىنو-‏فىلىملەر، ناخشا-‏مۇزىكىلار ۋە مۇشۇلاردىن باشقا يەنە يامانلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۇمارلار ۋە باشقا نەرسىلەر، كىشىلەرنى جىنكەشلىك ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا جادۇگەرلىك، داخانلىق، سېھىرگەرلىك قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ ۋە قىزىقتۇرىدۇ. — 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21.

جىنلار يەنى يامان روھلارغا قانداق قارشى تۇرۇش

  • جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىش
  • مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش
  • خۇداغا دۇئا قىلىش
جىنكەشلىكتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشى

15 ئەفەس شەھرىدىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سېھىرگەرلىككە مۇناسىۋەتلىك كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن بىر نەچچە يىل كېيىن، ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارغا خەت يېزىپ:‏ «يامانلىقنىڭ روھ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلارمىز» دېگەن (ئەفەسلىكلەر 6:‏12). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىنلار يەنىلا ۋاز كەچمىگەن. ئۇلار داۋاملىق كىشىلەرنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىشقا تىرىشقان. شۇڭا، ئەفەس شەھرىدىكى ئاشۇ ئېتىقادچىلار يەنە قانداق قىلىشى زۆرۈر بولغان؟ پاۋلۇس ئۇلارغا:‏ «ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئىماننىڭ سىپارى [قالقان] نى كۆتۈرۈڭلار چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن يامان [شەيتان] نىڭ ھەممە ئوتلۇق ئوقلىرىنى ئۆچۈرەلۇر سىزلەر» دېگەن (ئەفەسلىكلەر 6:‏16). شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقادىمىز كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولغانسېرى، بىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز جىنلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغان ئەڭ مۇستەھكەم قالقان بولىدۇ. — مەتتا 17:‏20.

16 ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىپ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ھەم مۇستەھكەم قىلالايمىز؟ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش ئارقىلىق. ئەگەر سېپىل تېمىنىڭ ئۇلى مەزمۇت بولسا، ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى بولسا، بىز ئىمان-‏ئېتىقادتا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم ۋە مەزمۇت تۇرىمىز. ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىكى توغرا بىلىمدۇر. ئەگەر بىز ھەركۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ ئۆگەنسەك، بىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بارغانسېرى مۇستەھكەم ۋە مەزمۇت بولىدۇ. مەزمۇت سېپىل تېمىغا ئوخشاش ئىمان-‏ئېتىقادىمىز جىنلارنىڭ ھۇجۇمدىن ۋە تەسىرىدىن ساقلىنىشتا، بىز ئۈچۈن مۇستەھكەم قالقان بولىدۇ. — 1-‏يۇھاننا 5:‏5.

17 ئۇنىڭدىن باشقا، ئەفەس شەھرىدىكى ئەيساغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ يەنە قايسى ئىشنى قىلىشى زۆرۈر بولغان؟ ئەفەس شەھىرىدە جىنلارغا چوقۇنۇش ناھايىتى ئەۋج ئالغاچقا، مۇشۇ شەھەردىكى ئېتىقادچىلار قوغدىنىشقا موھتاج بولغان. شۇڭا، ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارغا:‏ «ھەر ۋاقىت دۇئادا ۋە تەلەپ [تىلاۋەت] تە تۇرۇپ ھەمىشە روھتا…غەيرەت بىلەن دۇئا قىلىڭلار» دېگەن (ئەفەسلىكلەر 6:‏18). بىزمۇ ھازىر جىنلارغا چوقۇنىدىغانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، جىنلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ ئۇنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشىمىز زۆرۈر. ئەلۋەتتە، بىز يەھۋانىڭ ئىسمنى ئىشلىتىپ دۇئا قىلىشىمىز لازىم (پەندى-‏نەسىھەت 18:‏10). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھەمىشە «بىزنى ياماندىن قۇتقۇزغىن» يەنى ئىبلىس شەيتاندىن قۇتقۇزغىن دەپ دۇئالىرىمىزدا يەھۋادادىن تىلىشىمىز كېرەك (مەتتا 6:‏13). پەرۋەردىگار يەھۋا ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئالارغا جەزمەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. — زەبۇر 145:‏19.

18 جىنلار ناھايىتى خەتەرلىك. ئەمما، بىز جىنلاردىن قورقماي ياشىشىمىز ئۈچۈن شەيتانغا قارشى تۇرۇپ، يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز زۆرۈر (ياقۇپ 4:‏7، 8). جىنلارنىڭ كۈچ-‏قۇدرىتى چەكلىك. ئۇلار نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا جازالانغان ھەمدە كەلگۈسىدە خۇدا تەرىپىدىن ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ (يەھۇدا 6). شۇنىمۇ ھەم ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، يەھۋانىڭ كۈچ-‏قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىزنى قوغدايدۇ (2-‏پادىشاھلار 6:‏15-‏17). ئاشۇ پەرىشتىلەر بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە بىزنىڭ جىنلارغا قارشى تۇرۇشتا غەلبە قىلغانلىقىمىزنى كۆرۈشنى بەكمۇ خالايدۇ. بىزمۇ شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىزكى، ساداقەتمەن پەرىشتىلەر بىز ئۈچۈن ئالقىشلارنى ياغدۇرۇپ غەلبە قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەڭرى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىدىكى ساداقەتمەن پەرىشتىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەك ھەمدە خۇدانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھەتلىرىگە كۆڭۈل قويساق، ھەرقانداق جىنكەشلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەردىن ۋە ھەرىكەتلەردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ (1-‏پېترۇس 5:‏6، 7؛ 2-‏پېترۇس 2:‏9). شۇندىلا، بىز جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەرگە قارشى جەڭدە جەزمەن غەلبە قىلالايمىز.

19 بىراق، يامان روھلار يەنى جىنلارنىڭ ۋە رەزىل ئىشلارنىڭ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى پەيدا قىلىشىغا نېمە ئۈچۈن خۇدا رۇخسەت قىلىدۇ؟ بۇ سوئالغا كېيىنكى باب جاۋاب بېرىدۇ.

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • ساداقەتمەن پەرىشتىلەر تەڭرى يەھۋاغا خىزمەت قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ. — ئىبرانىيلار 1:‏7، 14.
  • شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى جىنلار، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ ئۇلارنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرىدۇ. — ۋەھىيلەر 12:‏9.
  • ئەگەر سىز خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ شەيتانغا قارشى تۇرسىڭىز، شەيتان سىزدىن قاچىدۇ. — ياقۇپ 4:‏7، 8.

*   ھەققانىي پەرىشتىلەر توغرىسىدا، ۋەھىيلەر 5-‏باب 11-‏ئايەت:‏ «ئۇلارنىڭ ئەدەدى [سانى] تۈمەنلەرنىڭ تۈمەنلىرىچە ۋە مىڭلارنىڭ مىڭلىرىچە ئىدى» دەيدۇ. شۇڭا مۇقەددەس كىتاب مىليونلىغان پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1. نېمە ئۈچۈن بىز پەرىشتىلەر توغرىسىدا ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟

2. پەرىشتىلەرنى كىم ياراتقان؟ ئۇلارنىڭ سانى قانچە؟

3. ئايۇپ 38-‏باب 4-‏7-‏ئايەتلەر پەرىشتىلەر ھەققىدە بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟

4. مۇقەددەس كىتاب ساداقەتمەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىش-‏ھەرىكەتلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟

5. پەرىشتىلەرنىڭ ئىلھام بېرىشى ھەمدە ياردەملىرى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتىن قايسى مىساللارنى تاپالايمىز؟

6. (1) بۈگۈنكى كۈندە پەرىشتىلەر خۇدانىڭ خەلقىنى قانداق قوغدايدۇ؟ (2) بىز ھازىر قايسى سوئاللار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلماقچى؟

7. شەيتان ئىنسانلارنى ئاللادىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتىشتە قانداق زور مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشتى؟

8. (1) بەزى پەرىشتىلەر قانداق قىلىپ جىنلارغا ئايلانغان؟ (2) نۇھ پەيغەمبەر زامانىدا يەر يۈزىگە كەلكۈن سۈيى كەلگەندە، جىنلار ھايات قىلىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولدى؟

9. (1) جىنلار دەپ ئاتالغان ئەسكى پەرىشتىلەر ئاسمانغا قايتقاندا، ئۇلارغا نېمە بولدى؟ (2) جىنلارغا مۇناسىۋەتلىك قايسى ئىشلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز؟

10. ئەمەلىيەتتە جىنكەشلىك، جادۇگەرلىك، سېھىرگەرلىك، داخانلىق دېگەنلەر نېمە؟

11. پال ئېچىش دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن پال ئېچىشتىن ئۆزىمىزنى خالىي تۇتۇشىمىز كېرەك؟

12. نېمە ئۈچۈن ئۆلۈكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ناھايىتى خەتەرلىك؟

13. ئىلگىرى جىنلارنىڭ قورقۇتۇشى ئاستىدا ياشىغان كىشىلەر قانداق قىلغان؟

14. مىلادى 1-‏ئەسىردىكى ئەفەس شەھرىدىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدەك، بىز جىنلارنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

15. جىنلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

16. بىز قانداق قىلىپ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم قىلالايمىز؟

17. جىنلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قايسى ئىشنى قىلىش زۆرۈر؟

18، 19. (1) نېمە ئۈچۈن بىز جىنلارغا قارشى جەڭدە غەلبە قىلالايدىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرەلەيمىز؟ (2) كېيىنكى باب قايسى سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ؟