مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق ياخشىلايدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق ياخشىلايدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگىچە كىتابتۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭدا ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى يېزىلغان (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16‏)‏.‏ بۇ كىتابتىكى مە‌لۇ‌مات تۇ‌رمۇ‌شىڭىزغا قاتتىق تە‌سىر قىلالايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بار:‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزى ھاياتى كۈچكە ئىگە» (‏ئىبرانىيلارغا 4:‏12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا بىزگە يول-‏يورۇ‌ق كۆرسىتىپ،‏ خۇ‌دانى ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىنى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ياخشىلايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتىڭىزنىڭ تۈرلۈك ساھە‌لىرىدە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تۆۋە‌ندىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ بىرقانچىسى كە‌لتۈرۈلگە‌ن:‏

  • باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌ت.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏31،‏ 32؛‏ 5:‏22،‏ 25،‏ 28،‏ 33‏.‏

  • ھېسسىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏8؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏22‏.‏

  • ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى.‏—‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 6:‏9،‏ 10‏.‏

  • مال-‏دۇ‌نيا.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏4؛‏ 28:‏19؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏28‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌ت ئاسىيادا ياشايدىغان ياش بىر جۈپنىڭ نىكاھىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ يېقىندا ئۆي-‏ئوچاقلىق بولغان كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئۆزئارا چىقىش ئۆتۈشى ۋە ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق سۆھبە‌تلىشىشى ئاسانغا چۈشمىگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غانلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا باشلىغان.‏ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئائىلە بېشى ۋىسېنت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر نىكاھىمىزدا پە‌يدا بولىدىغان سوغاقچىلىقلارنى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن بىر تە‌رە‌پ قىلىشىمىزغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ بىز ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئارقىلىق بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتىمىز».‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى ئانالۇ ئېرىنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى بىزگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ ئە‌مدى نىكاھىمىز ۋە ھاياتىمىزدا ئورتاق مە‌قسىتىمىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شالمە‌ن».‏

خۇ‌دانى تونۇ‌ش‏.‏ ۋىسېنت نىكاھى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلغاندا،‏ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى باشلىغاندا،‏ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خۇ‌داغا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلدىم».‏ ۋىسنېتنىڭ سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە خۇ‌دانى تونۇ‌شتۇ‌رىدۇ.‏ بۇ كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لىي پايدىسىنى كۆرۈپلا قالماي،‏ بە‌لكى خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولالايسىز.‏ ئۇ ئاشكارىلىغان تېخىمۇ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك،‏ يە‌نى مە‌ڭگۈ «ھە‌قىقىي ھايات»تىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىدىغان ۋاقىت توغرىسىدىكى تە‌پسىلاتلارنى كۆرۈپ يېتىسىز (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏19‏)‏.‏ ھېچبىر كىتاب ئۇ‌نداق تە‌پسىلىي مە‌لۇ‌ماتلارنى بېرە‌لمە‌يدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى تاشلىماي داۋام قىلسىڭىز،‏ سىزمۇ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ياخشىلىنىدۇ ۋە خۇ‌دانى تونۇ‌يسىز.‏ بىراق،‏ بۇ كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتقىنىڭىزدا،‏ كاللىڭىزدا نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سوئاللار ئۈستىدە ئويلانغاندا،‏ 2000 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنىڭ مىسالىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللىرى بولغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن ئوقۇ‌ۋاتقانلىرىنى چۈشە‌نگە‌ن-‏چۈشە‌نمىگە‌نلىكىنى سورىغاندا،‏ ئە‌مە‌لدار شۇ‌نداق جاۋاب قايتۇ‌رغان:‏ «بىرى ماڭا چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رمىسە،‏ مە‌ن قانداقمۇ چۈشىنە‌لە‌يمە‌ن؟‏!‏».‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىشنى خالىسىڭىز،‏ org.‏jw تور بېكىتىدە ھە‌قسىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش ئىلتىماسىنى تولدۇ‌رۇ‌ڭ ياكى بۇ سان ژۇ‌رنالدا كۆرسىتىلگە‌ن ئادېرسقا خە‌ت ئە‌ۋە‌تىڭ.‏ يېقىن ئە‌تراپتا ياشايدىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن ئالاقىلىشىڭ ياكى ئۇ‌لارنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىش زالىنى زىيارە‌ت قىلىڭ.‏ نېمىشقا تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىپ باقمايسىز؟‏!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سوئاللىرىڭىز بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دادىن ئىكە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏ بۇ فىلىمنى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاڭ ياكى org.‏jw تور بېكىتىدە،‏ ئىزدە‌ش دېگە‌ن يە‌رگە فىلىمنىڭ نامىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تاپالايسىز.‏ بۇ سان ژۇ‌رنالدىكى «‏بۇ پە‌قە‌ت كىچىكىنە خاتا چۈشىنىپ قېلىشمۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىنىمۇ ئوقۇ‌ڭ.‏