مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئائىلىلە‌رنى بۇ‌زامدۇ ياكى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌مدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئائىلىلە‌رنى بۇ‌زامدۇ ياكى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌مدۇ؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆزىنىڭمۇ،‏ قوشنىلىرىنىڭمۇ ئائىلىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە تىرىشىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىز خۇ‌دانى ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغۇ‌چى سۈپىتىدە ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏يارىتىلىش 2:‏21—‏24؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئائىلىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كۆپلىگە‌ن ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ نە‌سىھە‌تلە‌ر دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆز نىكاھىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىگە ۋە خۇ‌شاللىق تېپىشىغا ياردە‌م بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئائىلىلە‌رنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر بىزگە ياخشى ئە‌ر ياكى ئايال ۋە ياخشى ئاتا ياكى ئانا بولۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌چكە،‏ شۇ مە‌سلىھە‌تلە‌ر بويىچە ياشاشقا تىرىشىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏10—‏31؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏22—‏6:‏4؛‏ تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏8‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا سۆزلە‌ر ھە‌تتا ئېتىقادى ھە‌رخىل بولغان ئائىلىلە‌رنىڭمۇ بە‌ختلىك تۇ‌رۇ‌ش كە‌چۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يولدىشى ياكى ئايالى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان،‏ ئۆزلىرى بولسا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئېيتقان كۆڭۈل سۆزىنى ئاڭلاپ باقايلى:‏

  •   «توي قىلغاندىن كېيىن،‏ دە‌سلە‌پكى ئالتە يىل تۇ‌رمۇ‌شىمىز جېدە‌ل-‏ماجرا ۋە كۆڭۈل رە‌نجىتىش بىلە‌ن ئۆتكە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئايالىم ئېۋىتى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغاندا،‏ ئۇ مېھرىبان ۋە سە‌ۋرچان بولۇ‌پ قالدى.‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق ئۆزگە‌رگە‌نلىكى نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالدى» (‏كلائۇ‌ئېر،‏ برازىلىيە)‏.‏

  •   «ئېرىم چانسا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندا،‏ مە‌ن ئۇ‌لار ئائىلىلە‌رنى بۇ‌زىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغاچ،‏ ئۇ‌نىڭغا قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌ن ئېدىم.‏ بىراق بايقىسام،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌كسىچە نىكاھىمىزغا ياردە‌م بە‌ردى» (‏ئاگنېس،‏ زامبىيە)‏.‏

 بىز ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ تۆۋە‌ندىكىدە‌ك مە‌سىلىلە‌ردە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىمىز:‏

  •   ئۆمۈرلۈك جۈپتىنى دانالىق بىلە‌ن تاللاش

  •   نىكاھ‌نىڭ بىرىنچى يىلىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش

  •   ھە‌مراسىنىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن تىل تېپىشىش

  •   پۇ‌لنى توغرا ئىشلىتىش

  •   تالاش-‏تارتىشنى توختىتىش

  •   كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىش

  •   بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش

ئادە‌م ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزگە‌رتىشى سە‌ۋە‌بتىن ئائىلىدە جىلدە‌ل-‏ماجرالار بولامدۇ؟‏

 ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بە‌زىدە شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «سوفرىس» ناملىق تە‌تقىقات ئورنىنىڭ 1998-‏يىلدىكى دوكىاتىغا ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌ر-‏ئايالدىن پە‌قە‌ت بىرى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شىنى قارار قىلغان 20 ئائىلە ئىچىدە 1 نىڭ نىكاھىدە قىيىنچىلىق بولغان.‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلغانلار بە‌زىدە ئائىلىسىدە قارشىلىققا ئۇ‌چرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏32—‏36‏)‏.‏ تارىخشۇ‌ناس ۋىل دۇ‌رانتنىڭ ئېيتىشىچە،‏ رىم ئىمپېرىيىسى دە‌ۋرىدە «مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ دىنىي-‏ئېتىقادى ئائىلىنىڭ بۇ‌زۇ‌لۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى دە‌پ ئە‌يىبلە‌نگە‌ن»‏ a‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌شۇ‌نداق ئە‌يىبلە‌شكە دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقلارغا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سە‌ۋە‌بچىمۇ؟‏

ياۋرۇ‌پا ئىنسان ھوقۇ‌قلىرى سوتى سوتى

 ياۋرۇ‌پا ئىنسان ھوقۇ‌قلىرى سوتى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئائىلىلە‌رنى بۇ‌زىدۇ،‏ دېگە‌ن ئە‌يىبلە‌شكە قاراپ چىققاندا،‏ ئائىلىدىكى ئۇ‌رۇ‌ش-‏جىدە‌لنى كۆپىنچە ۋاقىتتا گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئائىلە ئە‌زالىرى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.‏ سوتنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۇ‌لار «ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌ققىنىنىڭ دىنىي ئە‌ركىنلىكىنى ھۆرمە‌تلىمە‌ي،‏ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشقا يول بېرىشنى خالىمايدۇ.‏.‏.‏ مۇ‌شۇ‌نداق ئە‌ھۋال ئېتىقادى ھە‌رخىل بولغان ئائىلىلە‌ردە پات-‏پات ئۇ‌چرايدۇ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىمۇ بولغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س».‏ b بىراقئ باشقىلار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ دىنىي كۆزقارىشىنى ھۆرمە‌تلىمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى:‏ «ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رماڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلە‌ن ئىناق ئۆتۈڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلىدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏17،‏ 18‏)‏.‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقادتا بولغان ئادە‌م بىلە‌نلا توي قىلىدۇ؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نىكاھقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇ‌شى كېرە‌ك»،‏ يە‌نى ئېتىقادداش بىلە‌ن نىكاھ قۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏39‏)‏.‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ق خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىسى بولغاندىن باشقا،‏ ئۇ ئە‌مە‌لىي پايدىلىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2010-‏يىلى «نىكاھ ۋە ئائىلە» ناملىق ژۇ‌رنالدا (‏Journal of Marriage and Family‏)‏ نە‌شىر قىلىنغان بىر ماقالىدە «ئىمان-‏ئېتىقادى،‏ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى ۋە ئىشە‌نچى ئوخشاش بولغان ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ» مۇ‌ناسىۋىتىنىڭ ياخشىراق بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ c

 لېكىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئېتىقادداشلارنى گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئۆمۈرلۈك جۈپتىسى بىلە‌ن ئاجرىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تۇ‌رۇ‌ۋېرىشكە رازى بولسا،‏ ئۇ ئۇ‌نى قويۇ‌پ بە‌رمىسۇ‌ن.‏ ئېتىقادچى ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى  ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تۇ‌رۇ‌ۋېرىشكە رازى بولسا،‏ ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كە‌تمىسۇ‌ن» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏12،‏ 13،‏ كالام تە‌رجىمىسى)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌شۇ سۆزلە‌رگە بويسۇ‌نىدۇ.‏

a ‏«قە‌يسە‌ر ۋە مە‌سىھ» (‏Caesar and Christ, p. 647‏)‏.‏

b ‏«موسكۋا شە‌ھىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ روسىيە فېدېراسىياسىگە قارشى ئە‌زرىگە» چىقىرىلغان ھۆكۈم (‏26،‏ 27-‏ب.‏،‏ 111-‏ئابز.‏)‏.‏

c ‏«نىكاھ ۋە ئائىلە» ژۇ‌رنىلى (‏Journal of Marriage and Family, Volume 72, Number 4, (August 2010), page 963‏)‏.‏