مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رگە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌رگە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏

 ھە‌ئە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تە‌بىئىي ئاپە‌تتە زىيان-‏زە‌خمە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە ھە‌ردائىم ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ.‏ بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌م گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌سلە‌رگىمۇ ياردە‌م بېرىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «پۇ‌رسە‌ت بولسىلا،‏ باشقىلارغا،‏ بولۇ‌پمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرە‌يلى»،‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىمىز (‏گالاتىيالىقلارغا 6:‏ 10‏)‏.‏ بىز يە‌نە ئاپە‌تلە‌ردە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن تە‌سە‌للى ۋە ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغانغانلارغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نۇ‌شقا تىرىشىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏3،‏ 4‏)‏.‏

ياردە‌م ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش

 تە‌بىئىي ئاپە‌تتىن كېيىن،‏ يە‌رلىك جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار جامائە‌ت ئە‌زالىرى بىلە‌ن ئالاقىلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بېخە‌تە‌رلىكى ۋە قانداق ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلايدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار ئالغان مە‌لۇ‌ماتلارنى ھە‌م ئە‌ڭ ئاۋۋال قانداق ياردە‌م كۆرسىتىلگە‌نلىكىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يە‌رلىك بە‌يتە‌ل كېڭىشىگە خە‌ۋە‌ر قىلىدۇ‏.‏

 ئە‌گە‌ر يە‌رلىك جامائە‌تلە‌رنىڭ كېرە‌كلىك ياردە‌منى كۆرسىتىشكە مۇ‌مكىنچىلىكى بولمىسا،‏ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى ياردە‌م بېرىش ئىشىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ‌نداق قىلىپ ئاچارچىلىق ۋاقتىدا بىر-‏بىرىگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان خۇ‌دانىڭ قە‌دىمقى خىزمە‌تچىلىرىنى ئۈلگە قىلىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 16:‏1—‏4‏)‏.‏ ياردە‌م بېرىش ئىشىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ۋە باشقۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌رلىك بە‌يتە‌ل ياردە‌م خىزمىتى كېڭىشىنى تە‌شكىللە‌يدۇ.‏ باشقا رايونلاردىكى گۇ‌ۋاھچىلارمۇ ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ۋاقىتلىرىنى ھە‌م پۇ‌ل-‏ماللىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن سە‌رپ قىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏17‏)‏.‏

ماددىي ياردە‌م

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بە‌يتە‌للىرىگە ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن ئىختىيارىي ئىئانىلە‌ر‏،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك تە‌بىئىي ئاپە‌تتىن زە‌خمە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 11:‏27—‏30؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏13—‏15‏)‏.‏ ئىختىيارىي خىزمە‌تچىلە‌ر ياردە‌م ئىشىنى ھە‌قسىز قىلغانلىقتىن،‏ ئاجرىتىلغان پۇ‌للار مە‌مۇ‌رىي خىراجە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى پە‌قە‌ت تە‌بىئىي ئاپە‌تتىن ئازاب چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.‏ بىز ھە‌ممە ئىئانىلە‌رنى ئېھتىياجلىق يە‌رلە‌رگە دىققە‌ت بىلە‌ن ئىشلىتىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏20‏)‏.‏