يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆيمۈ-ئۆي ۋەز قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيمىز، دەپ ئويلامدۇ؟
ياق، ئۇنداق ئويلىمايمىز. بىز دائىم ئۆيمۈ-ئۆي ۋەز قىلىمىز، لېكىن بۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيمىز، دەپ ئويلىمايمىز (ئەفەسلىكلەرگە 2:8). نېمە ئۈچۈن؟
مەسىلەن، بىر سېخىي ئادەم مەلۇم بىر ۋاقىتتا، مەلۇم بىر جايغا كېلىدىغان ھەر بىر ئادەمگە قىممەتلىك سوۋغات بېرىشنى ۋەدە قىلغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن شۇ كىشىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن بولسىڭىز، سىز ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلاتتىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە! بەلكىم، سىز بۇ پۇرسەتتىن ئائىلىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ پايدىلىنالىشى ئۈچۈن، بۇ توغرىسىدا ئۇلارغىمۇ ئېيتىپ بېرىسىز. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، سىز بۇ كىشىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە قىلسىڭىزمۇ، شۇ سوۋغاتقا ئېرىشەلمەيسىز. چۈنكى شۇ سوۋغاتنى ئۇ كىشى ئۆزى خالاپ بېرىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان بارلىق كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ (رىملىقلارغا 6:23). شۇ سەۋەبتىن، باشقىلارنىڭمۇ بۇ ۋەدىنىڭ پايدىسىنى كۆرەلىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا مۇشۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتىمىز. لېكىن، بىز ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيمىز، دەپ قارىمايمىز (رىملىقلارغا 1:17؛ 3:28). ھەقىقەتەن، ھېچبىر ئىنسان خۇدانىڭ بۇ ئاجايىپ سوۋغىتىغا ئۆز ئىش-ھەرىكىتىگە تايىنىپ ئېرىشەلمەيدۇ. سەۋەبى، «بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ [خۇدانىڭ] رھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق» (تىتوسقا 3:5).