مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇش خەۋەرنى ئىرلاندىيە ۋە برىتانىيىنىڭ يەرلىك تىللىرىدا يەتكۈزۈش

خۇش خەۋەرنى ئىرلاندىيە ۋە برىتانىيىنىڭ يەرلىك تىللىرىدا يەتكۈزۈش

يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىرلاندىيە ۋە برىتانىيىدىكى يەرلىك تىللاردا سۆزلەيدىغان ئادەملەرنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ.‏ * ئۇلارنىڭ ئىچىگە ئىنگلىز تىلىدىن باشقا ئىرلاند،‏ شوتلاند گائېلىگ ۋە ۋېلىش تىللىرى كىرىدۇ.‏

ئۆزگەرتىلگەن org.‏jw تور بېكىتى 2012-‏يىلنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا كۆپ تىللاردا،‏ ئۇنىڭ ئىچىدە ئىرلاند ۋە ۋېلىش تىللىرىدا ئىشلەشكە باشلىدى.‏ شوتلاند گائېلىگ تىلىدا بولسا،‏ 2014-‏يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئىشلەشكە باشلىدى.‏ شۇنىڭ بىلەن،‏ بىز بۇ تىللارنىڭ ھەممىسىدە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىمىز.‏ ئوقۇرمەنلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟‏

چىركاۋدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئەر كىشى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان شوتلاند گائېلىگ تىلىدىكى ۋاراقچىنى ئېلىپلا،‏ ئۇنى ئۈنلۈك ئوقۇپ،‏ يىغلاشقا باشلىغان.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تەسىرلەنگەنىدى؟‏ بۇ كىشى تەرجىمىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىگە ھەيران قالدى ۋە ھاياجانلىنىپ:‏ «بۇنى كىم تەرجىمە قىلدى؟‏ بۇ ئاجايىپ ياخشى!‏»،‏ —‏ دېگەن.‏

org.‏jw تور بېكىتى شوتلاند گائېلىگ تىلىدا ئىشلەشكە باشلىغان ئاينىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا تەخمىنەن 750 ئادەم كىرگەن.‏

گولۇيې شەھىرىدىكى ئىرلاندىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى گۇۋاھچىلارنىڭ بىرىگە ئۆزىنىڭ دىنغا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ ئۇ «‏مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ماۋزۇ‏» ناملىق كىتابچىنى ئىرلاند تىلىدا ئالالايدىغانلىقىنى بىلگەندە،‏ بىر كىتابچىنى سورىغان.‏ ئۇنىڭ پىكىرىچە،‏ ھەممە كىشىلەر مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئانا تىلىدا ئېلىشى كېرەك ۋە ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ئىرلاند تىلىدا سۆزلەيدىغانلارنى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن ماختىغان.‏

بىر ياشانغان ئايال مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كىتابچىنى ئۇيىلس تىلىدا ئالغىنىغا خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈپ:‏ «راستىنى ئېيتقاندا،‏ بۇنى ئىنگلىز تىلىدا تەقدىم قىلغان بولساڭلار،‏ ئالماس ئېدىم،‏ لېكىن بۇ مېنىڭ ئانا تىلىمدا بولغانلىقى نېمە دېگەن ياخشى»،‏—‏ دېگەن.‏

2014-‏يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا بىز org.‏jw تور بېكىتىدىكى ئۇيلس تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ سانىنى كۆپەيتتۇق.‏ شۇ ئاينىڭ ئىچىدە ماتېرىياللارنى ئۇيلس تىلىدا ئوقۇش ئۈچۈن تور بېكىتىمىزگە كىرىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى.‏

‏«بىز بىر تىلدا سۆزلەيمىز»‏

ئەيسا مەسىھ ئىككى شاگىرتىغا يازمىلارنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەندە،‏ ئۇلار تەشۋىشلىنىپ:‏ «ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ،‏ مۇقەددەس يازمىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندە،‏ يۈرەكلىرىمىز كۆيمىدىمۇ؟‏»،‏—‏دېگەن (‏لۇقا 24:‏32‏)‏.‏ ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى ئۆز ئانا تىلىدا ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.‏

ۋېلىشتا تۇرىدىغان ئىيمىر ئىسىملىك ئەر كىشى،‏ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرىگە ئۆيلەنگەن،‏ لېكىن ئۇ ئايالىنىڭ دىنىي كۆزقارىشىغا قوشۇلمايتتى.‏ كېيىنرەك ئۇ راسسېل ئىسىملىك گۇۋاھچى بىلەن دوست بولغان.‏ ئىيمىر ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى نېمە ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن:‏ «راسسېل «‏مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟‏‏»‏ * دېگەن كىتابنى ئېلىپ كەلگەندە،‏ مەن مۇقەددەس كىتابنى جىددىي تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدىم.‏ ئۇ ماڭا كىتابنى بېرىپ:‏ «بۇ ۋېلىش تىلىدىكى كىتاب.‏ ھازىردىن باشلاپ بىز ئۇنى بىللە تەتقىق قىلىمىز».‏ راسسېلنىڭ ئۇدۇل تەكلىپى ئىيمىرنى نېمە ئۈچۈن جەلپ قىلغان؟‏ ئىيمىر بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:‏ «بىز بىر تىلدا سۆزلەيمىز،‏ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئوخشاش ھەم بىز بىر-‏بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىمىز».‏ مۇقەددەس كىتابنى ئۇنىڭ ئانا تىلى بولغان ۋېلىش تىلىدا مۇلاھىزە قىلغاندا،‏ بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىگە يەتكەچكە،‏ ئىيمىرنىڭ يۈرىكى گويا «كۆيگەندەك» بولغانىدى.‏

يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئادەملەرنىڭ يۈرىكىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان تىلدا،‏ يەنى ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا خۇدا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.‏

^ ‏ 2-‏ئابزاس بۇ يەردە برىتانىيە دېيىلگەندە ئەنگلىيە،‏ شوتلاندىيە ۋە ۋېلىش شىمالىي ئېرلاندىيە توغرىسىدا ئېيتىلىدۇ.‏

^ ‏ 11-‏ئابزاس يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش قورالى.‏